UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئالتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ

ئالتاي ۋىلايەتلىك تېببىي مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى 8 - ئايدا ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان. شىنجاڭدىكى بىردىنبىر خەنزۇچە ۋە قازاقچە دەرس سۆزلىنىدىغان تېببىي مەكتەپ بولۇپ، ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمە سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 2400 كۋادرات مېتىر. ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە، بىئولوگىيە، مىكرو ئورگانىزم، پاتولوگىيە، پارازىت قۇرت قاتارلىق سەككىز ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، يەتتە تەجرىبىخانىسى بار. فېلشېر، سىستېرا، ئاممىۋى سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، جۇڭيىچە داۋالاش قاتارلىق سەككىز خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. تولۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل. 1996 - يىلدىن باشلاپ مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق ئوقۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئاڭلاشقا ئۆزگەرتىلگەن. پراكتىكا بازىسى ئالتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ئازادلىق ئارمىيە 16 - دوختۇرخانىسى، يېزا ئىگىلىك 10 ـ دىۋىزىيە دوختۇرخانىسى ھەمدە ئالتە ناھىيە بىر شەھەردىكى ناھىيىلىك، شەھەرلىك دوختۇرخانىلاردىن ئىبارەت. مەكتەپ شتاتى 104. 1999 - يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 50 نەپەر. (يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانى بارلار توققۇز نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي ئونۋانى بارلار 22 نەپەر. تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي ئونۋانى بارلار 19 نەپەر)، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 592 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچى 4000 نەپەردىن ئارتۇق
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى