UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى

شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى

شىنجاڭ مائارىپى ئالاھىدە مائارىپ - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق شىنجاڭ مېيىپلار كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكومى قۇرۇش قارار قىلىندى. 1993 - يىلى قۇرۇلۇش باشلاندى. 1995- يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلۇپ ئوقۇش باشلىدى. مەكتەپ ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى قاراماي غەربىي يولى يەتتىنچى نومۇرغا جايلاشقان. بۇ مەكتەپ شىنجاڭدىكى بىردىنبىر مەخسۇس مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسىگە تەۋە، كەسپىي جەھەتتىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپ ئىچىدە ئىشخانا، ئوقۇتۇش بۆلۈمى، ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمى، خوجىلىق بۆلۈمىدىن ئىبارەت تۆت فۇنكسىيىلىك بۆلۈم ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم خەنزۇ تىلى ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئۈچ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتتىن مېيىپ، گاس - گاچا، ئەقلى ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەغشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان. ئوقۇتۇش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش تارىخىي مائارىپىنى ئاساس، ئوتتۇرا قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەشنى قوشۇمچە قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. مەكتەپتە كومپيۇتېر قوللىنىش ۋە باشقۇرۇش، مالىيە بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، گۈزەل - سەنئەت، ماددىي ئەشيالارنى باشقۇرۇش، جۇڭيىچە داۋالاش قاتارلىق 12 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مېيىپلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ئىختىيارىي كەسىپ تاللاپ ئوقۇش بىلەن تەمىنلىگەن. 1999 - يىلى مەكتەپ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمىگەن ئاساستا مەكتەپنىڭ نامىنى شىنجاڭ ئالاھىدە مائارىپ كەسپىي تېخنىكومى دەپ ئۆزگەرتكەن ھەم تۇنجى قېتىم شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، گاچىلار بىزەش لايىھىلەش ئالىي تېخنىكومى سىنىپى تەسىس قىلغان. 1999 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 34 نەپەرگە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 396 نەپەرگە يەتتى. يەر مەيدانى 2800 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى 3700 كۋادرات مېتىر. بەلگىلىك كۆلەمدىكى كومپيۇتېر ئۆيى، كىيىم - كىچەك تىكىش ئۆيى، قول - ھۈنەر سەنئەت توقۇمىچىلىق، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئۆيى، ئاشپەزلىك پراكتىكا ئۆيى، كۇتۇپخانا ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 12 - كەسپىي تېخنىكا باھالاپ بېكىتىش ئورنى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ يەنە دۆلەتلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوخشاش تۈردىكى مەكتەپلەر قاتارىدا ئوقۇتۇش شارائىتى ئىلغار ئورۇنلارنىڭ بىرى دەپ باھالانغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى