UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 - ئوتتۇرا مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دېيىلەتتى، 1955 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980 - يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرتىلگەن. پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى مىللىي، خەنزۇ ئارىلاشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، خەنزۇ، ئۇيغۇر تىللىرىدا دەرس ئۆتۈلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 34278 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇق كۆلىمى 10831 كۋادرات مېتىر. ئوقۇغۇچىلار مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ھەرخىل پەنلەر بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1989 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق <مەدەنىيەتلىك مەكتەپ> بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1375 نەپەر بولۇپ، 25 ئوقۇتۇش سىنىپىغا بۆلۈنگەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 123 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 35 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى