ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22 - باشلانغۇچ مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى
- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭجياڭ يولىنىڭ شىمالىي بۆلىكىدە قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا
قوشما سىنىپ ئوقۇتۇش شەكلىدىكى ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان. 1956 - يىلى مەكتەپنى كېڭەيتكەن. بۇ مەكتەپ پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى
خەنزۇ مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. 1999 - يىلى مەملىكەتلىك دىڭيۇكۇەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تەتقىقات مەركىزىي تەرىپىدىن
دىڭيۇكۈەن مائارىپ نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقات بازىسى دېگەن نام بېرىلگەن. مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئېلىكترلەشكەن
ئوقۇتۇش تەجرىبە ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، دەرستىن سىرتقى ئەمگەك ئەمەلىيەت بازىسى بار. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى
تەرىپىدىن ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10368 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش
رايونى كۆلىمى 5937 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ شتاتى 79 نەپەر، 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 69 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 29 نەپەر،
ئوقۇغۇچى سانى 1618 نەپەر.