شىنجاڭ خەلق ساقچىلىرى مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى ساڭفاڭگو رايونىدا قۇرۇلغان. 1983 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ
ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى. 1984 - يىلدىن باشلاپ چوڭلار ئوتتۇرا تېىنىكوم مەكتىپى. 1985 - يىلى جۇڭگو جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى
ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ ئوقۇتۇش پونكىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1990 - يىلى بىر يىللىق تۈزۈمدىكى مەخسۇس گۇۋاھنامە سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل
قىلغان. 1991 - يىلى ج خ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەكتەپ باشقۇرۇشتا لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1992 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق
مائارىپ كومىتېتى، كادىرلار نازارىتى، ئەمگەك نازارىتى، بىڭتۈەن مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي تېخنىكا
مائارىپىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ سايلانغان. 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىگەن ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى باھالاشتا
<A> دەرىجىلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. شۇ يىلى دەسلەپكى تۈركۈم ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئامانلىق ساقلاش كەسپىدىكى ئادەتتىكى
ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1994 - يىلى جۇڭگو خەلق ج خ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم سىنىپىنى
ئاچقان. بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە تەۋە. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 729993 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش
رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 5361 كۋدرات مېتىر. خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن
بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇرۇش ئارقىلىق ئالىي تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومدىن ئىبارەت ئىككى قاتلام ۋە جىنايى ئىشلار رازۋىتكىچىلىكى،
ئامانلىقنى باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قاتارلىق ئۈچ خىل كەسپىتە بىر قەدەر مۇكەممەل ئوقۇتۇش سىستېمىسى
شەكىللەندۈرۈلگەن. 18 باشقارما بۆلۈم، ئىشخانا تەسىس قىلىنغان. ئوقۇتۇش، مەشق، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، 18000 كۋادرات مېتىر مەشق
سارىيى، قارىغا ئېتىش مەيدانى، توساق مەشق مەيدانى قاتارلىقلار بار. مەكتەپ شتاتى 161، 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 77 (ئالىي
ئوقۇتقۇچى 10 نەپەر، لېكتور 42 نەپەر، ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش خادىمى 25 نەپەر) نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 1200 نەپەر. مەكتەپ
قۇرۇلغاندىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىك كەسپىدە 6000 دىن ئارتۇق خادىم تەربىيىلىگەن.