UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىمەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش

مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش

شىنجاڭ مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار مەكتەپنىڭ ئورنى ۋە كەسىپىگە قارىتا ماكان جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەڭشەش. دۆلەت مائارىپ كومىتېتىنىڭ <ئالىي مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر> دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: <مائارىپ بايلىقلىرىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مەكتەپ قۇرۇش كۆلىمىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە ئىخچاملاش ئېلىپ بېرىش كېرەك>. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <(جۇڭگو مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات قوللانمىسى) نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى> دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: <مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى تۆۋەنگە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم>. مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىشنى تەڭشەش ئارقىلىق، مۇۋاپىق مەركەزلەشتۈرۈپ مەكتەپ تەسىس قىلىپ، بىرلەشتۈرۈپ مەكتەپ تەسىس قىلىش، كۆپ مىللەتنى ئۇيۇشتۇرۇش، كۆپ ئىقتىدارلىق مەكتەپ قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھازىرقى ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ ياتىقى، ئەسلىھەلەر، كۇتۇپخانا ماتېرىياللىرى قاتارلىق تەرەپلەردىكى يۇشۇرۇن كۈچنى كۈچىنىڭ بارىچە جارى قىلدۇرۇپ، ھەر خىل مائارىپنىڭ مەكتەپ تەسىس قىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. 1997 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئاساندىن قىيىنغا، كىچىكتىن چوڭلۇققا تەدرىجىي ئىلگىرىلەش پرىنسىپىنى ئاسان قىلىپ، ئاپتونوم رايون <ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش پىكرى> نى تۈزۈپ چىقتى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچى مۇئاۋىن باش كاتىپى باشلامچىلىقىدىكى ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش كىچىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلدى. 1999 - يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى قوشۇلۇپ، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. 2000 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى قوشۇلۇپ يېڭى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى قۇرۇلدى. شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئىقتىساد كادىرلار باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مالىيە مەكتەپلىرى مالىيە مەكتەپلىرى قوشۇلۇپ يېڭى شىنجاڭ مالىيە ئىقتساد ئىنستىتۇتى قىلىپ قۇرۇلدى. شىنجاڭ يېنىڭ سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، قاراماي كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىقلارمۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستقلىشى بىلەن قۇرۇلۇپ بولدى، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مىللىي - خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىلاش مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىش، ئارىلاش سىنىپلارنى تەسىس قىلىپ، يېزا - چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مائارىپ بايلىقى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي مائارىپنىڭ مەكتەپلەر كۆلىمى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلدى. 1995 - يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىن بىرسى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىن 449 ئازايدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2.84 تۈمەن ۋە 65.9 تۈمەن كۆپەيدى. باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1995 - يىلىدىكى 310، 491، 255 ئادەمدىن كۆپىيىپ 369، 761، 410 ئادەمگە يەتتى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش | UyghurWiki | UyghurWiki