UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر

ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر - يىلى <گوۋۇيۈەن ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر نىزامنامىسى> دا ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپ <كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي كوللېكتىپ ھەم باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر دۆلەت مالىيەسىدىن بولمىغان مائارىپ مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ قۇرغان مەكتەپلەرنى ۋە باشقا مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. شىنجاڭدا ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن گۈللىنىشكە باشلاپ، 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك، كۆپ پەنلىك، مەكتەپ قۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 1999 - يىلنىڭ ئاخىرىدا رايونىمىزدا ھەرخىل ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مائارىپ ئاپپاراتىدىن 984 ى بار بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 89212 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بالىلار باغچىسى 229 گە، بالىلار باغچىسى ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار (بالىلار) 11849 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپ 16 گە، ئوقۇغۇچى سانى 8391 نەپەرگە، ئوتتۇرا مەكتەپ 12 گە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 3399 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ بەشكە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1852 نەپەرگە، باشقا ھەرخىل ئوقۇش تارىخى بويىچە تەربىيەلىمەيدىغان مائارىپ ئورگىنى 281 گە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 59949 نەپەرگە يەتكەن. ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى 4293 نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار سانى 2975 نەپەر بولغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 331654 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرى قۇرغان مەكتەپ بىناسى 261053 كۋادرات مېتىر بولغان. مەبلەغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 308.59 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر | UyghurWiki | UyghurWiki