UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ سودا مەكتىپى

شىنجاڭ سودا مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى 6 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، 1961 - يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر مالىيە مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ سودا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1962 - يىلى مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1964 - يىلى 9 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ سودا مەكتىپى قايتا قۇرۇلغان. 1965 - يىلى مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەن. 1973 - يىلى قايتىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، 1980 - ۋە 1994 - يىللىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. 1999 - ئەنگلىيە شىمىس سودا ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، شىنجاڭ شىمىس خەلقئارالىق سودا ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىگە تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سودا بوغالتىرلىقى، بازار مۇلازىمىتى، خەلقئارا سودا، مېھمانخانا مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋە سودىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، سودا بېزەكچىلىكى، بوغالتىرلىق تىجارىتى قاتارلىق توققۇز كەسىپ تەسىس قىلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40333 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 26000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كوميۇتېر ئىشخانىسى، بوغالتىرلىق تەقلىدى تەجرىبىخانىسى، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئۆيى، تىل ئۆيى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىنىپى ۋە مەكتەپ تورى قاتارلىقلارنى قۇرغان. كۇتۇپخاندا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 13500 پارچىدىن ئارتۇق. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 96 نەپەر (ئالىي لىكتور 20 نەپەر، لېكتور 48 نەپەر). ئوقۇغۇچى سانى 1636 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى