بۆرتالا شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى
- يىلى بۆرتالا شەھىرى گولمۇتۇ يولى 53 - نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن
يەر كۆلىمى 30228 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 10985 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ <ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، مەدەنىيەتلىك بولۇش،
ئىتتىپاق بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش> دېگەن مەكتەپ ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز
چوڭقۇرلاشتۇرغان. 1998 - يىلى بۆرتالا شەھەرلىك ساپا مائارىپىدىكى سىناق نۇقتا مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا 27
دەرستىن سىرتقى پائالىيەت كۇرژۇكى قۇرغان. 1998 - يىلى 8 - ئايدا ئەخلاق تەربىيە باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ
ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى باشقۇرغان. بۇ مەكتەپ بۇرۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئائىلە باشلىقى مەكتىپى بولۇپ باھالانغان. 1999 -
يىلدىكى ئوقۇتۇش سىنىپى 36، تەييارلىق سىنىپ بەش، ئوقۇغۇچى سانى 2251 نەپەر، رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 96 نەپەر.