UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىقەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 2 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 2 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى - يىلى ئەنگلىيىلىك سودىگەر قۇرغان دىنىي مەكتەپ - شاتلىق مەدرىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا پەقەت توققۇز يېتىم بالا بار ئىدى، كېيىن مىللىتارىست ماجۇڭيىڭ شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن چېركاۋنى كۆيدۈرۋەتكەن، شۇ چاغدىكى خەنزۇ شەھەر ئاھالىلىرى يېڭىشەھەر مائارىپىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى شاتلىق مەدرىسىنى يېڭىشەھەر مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەم مەبلەغ توپلاپ مەكتەپنى شەھەر سىرتىدىكى بۇتخانا يېنىغا يۆتكىگەن. كېيىن ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلىپ رايون قارمىقىدىكى قىزلار مەكتىپىگە ئايلىنىپ، بىردىنبىر قىزلار مەكتىپى بولۇپ قالغان. 1939 - يىلى 3 - ئايدا پارتىيە ئەزاسى ۋۇجىجۈن ۋە جاۋشىنيا قاتارلىق يولداشلار قىزلار مەكتىپىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشقان. 1937 - يىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 180 گە يەتكەن. دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئۆزلىرى تۈزگەن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار پۈتتۈرگەندىن كېيىن دىخۇا شەھەرلىك ھاۋا ئارمىيىسى مەكتىپى، ھەربىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئازادلىق ۋە شىنجاڭنى قۇرۇشنىڭ ئاساسى كۈچى بولۇپ قالغان. ئازاد بولۇش ھارپىسىدا مەكتەپ نامىنى تىنچلىق مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ئازاد بولغاندا، تىنچلىق مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ 2 - كۇرپۇسنىڭ ئارمىيىسىگە ئەگىشىپ يۆتكىلىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى قوشۇلۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيىلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 15733 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ھەرخىل ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق. 1996 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دېموكراتىك باشقۇرۇشتىكى ئىغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 54 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 28، ئوقۇغۇچى سانى 1258 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى