شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى 12 - ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ
تىلى (موڭغۇل تىلى يېزىقى كەسپىدە موڭغۇل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ) قوللىنىلىدۇ. نۆۋەتتە تۈرلىرى تولۇق، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمى بىرقەدەر
يۇقىرى بولغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ بولۇپ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان مۇھىم
بازا ھېسابلىندۇ. 1999 - يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر، مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالتە كەسىپ، 200 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، 253 نەپەر
ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى ۋە بىر ئوقۇتۇش بىناسى، بىر ياتاق بىناسىدىن تەرەققىي قىلىپ، 1447 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى،
746 نەپەر (پروفېسسور 34ەپەر، دوتسىنت 234 نەپەر) ئوقۇتقۇچىسى، 41 نەپەر ئاسپىرانت، 4543 نەپەر ئادەتتىكى تولۇق، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسى،
3670 نەپەر چوڭلار مائارىپى تولۇق مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىسى بار بولغان، ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيىسى تەربىيىسى، جۇڭگو قەدىمكى زامان
ئەدەبىياتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقى (ئۇيغۇر)، ئاساسىي ماتېماتىكا، بوتانىكا، رايون جۇغراپىيىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىلەت
مائارىپى تېخنىكىسى ئىلمى، ئىدىيىۋى سىياسىي مائارىپ، تەنتەربىيە مائارىپى، خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى، مۇزىكا، رەسىم، تارىخ،
ماتېماتىكا ۋە قوللىنىشچان ماتېماتىكا، ئاز سانلىق مىللەت تىل - ئەدەبىياتى (ئۇيغۇر، مۇڭغۇل ئەدبىياتى) ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر ئوقۇتۇشى ۋە
تېخنىكىسى، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق 18 تولۇق كۇرس كەسپى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، كومپيۇتېرنى
ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۇنى ئاسراش، ئىقتىساد باشقۇرۇش، سودا ئىنگلىز تىلى، سودا رۇس تىلى، كاتىباتلىق قاتارلىق 11 كەسپىي
مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىقى ۋە قوللىنىشچان مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرى بار. چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى، شۆبە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار
باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل تەربىيە ئورگىنى بار. شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى ۋە قوش تىلدا
ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش تەربىيىلەش مەركىزى مۇشۇ مەكتەپتە قۇرۇلغان. مەكتەپتە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى تەتقىقات مەركىزى، مەدەنىيەت
ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي ۋە شىنجاڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرەققىيات تەتقىقاتى، ئېلىكترلەشكەن ئۇچۇر تېخنىكىسى، بوستانلىق تەتقىقاتى
قاتارلىق تۆت تەتقىقات ئورنى بار. قوللىنىشچان خىمىيە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش
ماتېرىياللىرى، دۆلەت زېمىن ئىقتىسادىي، دۇنخۇاڭ تۇرپان ئىلمىي، غەربىي يۇرت ئەدەبىياتى، ئالىي مائارىپ، سىرتقا قارىتا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش،
ئاسارە - ئەتىقىلەرنى رەتلەش، شىنجاڭدىكى ئىقتىسادىي ھايۋانلر، فىزىكا ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى، مىللىي مۇزىكا، شىنجاڭ مىللىي مەكتەپ
تەنتەربىيىسى قاتارلىق 13 تەتقىقات ئىشخانىسى بار. <شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى> نى نەشىر قىلىپ تارقىتىدۇ. دۆلەت
سىرتىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. چەت
ئەللەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدۇ ھەمدە خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلى كەسىپلىرىدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپ
قۇرۇلۇپ ھازىرغا قەدەر 20000 ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى
كۆلىمى 180000 كۋادرات مېتىر، 39 تەجرىبىخانىسى بار، 600000 پارچە كىتاپ كۇتۇپخانىدا ساقلانماقتا.