UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى بۇ مەكتەپ1961- يىلى قۇرۇلغان، سابىق شىنجاڭ جۇڭيى مەكتىپىدىن تەرەققىي قىلغان. 1985 - يىلى، سابىق ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى مەكتىپى، جۇڭيى دوختۇرخانىسى، جۇڭيى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاساسىدا شىنجاڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگوچە داۋالاش ۋە يىڭنە سانجىپ داۋالاش كەسىپلىرىنى تەسىس قىلغان. بۇ مەكتەپ شىنجاڭدىكى زور تۈركۈم داڭلىق جۇڭيى ۋە جۇڭيى - غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرگەن مۇتەخەسىسسىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئوقۇتۇش، داۋالاش، جۇڭيى دورىگەرلىكى قاتارلىق ئۈچ تولۇق كۇرس، جۇڭيىچە داۋالاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش، جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە جۇڭيىچە داۋالاش سىستېرالىقى قاتارلىق تۆت مەخسۇس كۇرس كەسىپى تەسىس قىلىنغان. 1994 - يىلدىن باشلاپ شاڭخەي، جۇڭيىچە داۋالاش - دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىچكى كېسەللىكلىرىنى جۇڭيىچە داۋالاش ئىلمى، ئىچكى كېسەللىكلىرىنى جۇڭيىچە - غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئىلمى، يىڭنە سانجىش ۋە تېبابەتچىلىك قەدىمقى يېزىقى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 1997 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلاردىن 149 كىشى بولۇپ (بۇنىڭ ئىچىدە پروفىسسوردىن 15، دوتسىنىتتىن 33، لىكتوردىن 87، ئاستنىتتىن 11 نەپەر بار) مەكتەپتىكى تولۇق، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 653 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بېرى، جەمئىيەت ئۈچۈن ئوخشىمىغان سەۋىيە، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى جۇڭيىچە داۋالاش - دورىگەر خادىملىرىدىن جەمئىي 4721 نەپەرنى تەربىيلەپ بەردى. 1998- يىلى 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، ھازىرقى شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى تەشكىل قىلدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ جۇڭيى ئىنستىتۇتى | UyghurWiki | UyghurWiki