شىنجاڭ مالىيە مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى قۇرۇلغان. 1957 - يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ سودا مەكتىپى، شىنجاڭ ئاشلىق مەكتىپى، شىنجاڭ
بانكا مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ مالىيە سودا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1958 - يىلى شىنجاڭ مالىيە مەكتىپى قايتا قۇرۇلۇپ، 1961 -
يىلى غۇلجىغا كۆچۈرۈلگەن. 1962 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1977 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە ئىدارىسى مالىيە بوغالتىرلىق تەربىيىلەش
سىنىپى ئاچقان. 1979 - يىلى شىنجاڭ مالىيە مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1980 - مالىيە سودا مەكتىپى (ھازىرقى مالىيە ئىنستىتۇتى) بىلەن
بىرلەشكەن. 1982 - يىلى مۇستەقىل ھالدا شىنجاڭ مالىيە مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. 1982 - يىلى ئاپتونوم رايونلق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ
تەستىقلىشى بىلەن مۇستەقىل مەكتەپ قۇرغان. 1986 - يىلى شىنجاڭ مالىيە مەكتىپى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ
تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ باج ئىشلىرى مەكتىپىنى قۇرغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 60800 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى
قۇرۇلۇش كۆلىمى 6295 كۋادرات مېتىر. بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىگە
قارايدۇ. ئىككى ۋىۋىسكا (شىنجاڭ مالىيە مەكتىپى، شىنجاڭ باج ئىشلىرى مەكتىپى) بىر يۈرۈش ئاپپارات يولغا قويۇلغان. تارمىقىدا مەركىزىي
مالىيە پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسىتېتى، لياۋنىڭ باج ئىشلىرى ئالىي تېخنىكومىدىن ئىبارەت ئىككى سىرتتىن ئوقۇتۇش پونكىتى بار ھەم سىرتتىن
ئوقۇيدىغان تولۇق كۇرس سىنىپى ھەم مەخسۇس كۇرس بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە باج سىستېمىسىدىكى بۆلۈم
دەرىجىلىك خادىملارنى تەربىيىلەش بازىسى ھەم مالىيە نازارىتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكى بوغالتىرلارنى ئۈزلۈكسىز
تەربىيىلەش ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مالىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك مالىيە مائارىپىدىكى ئىلغار
ئورۇن، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. مەكتەپتە 17 ئىشخانا (بۇنىڭ ئىچىدە تۆت
ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى) تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، مالىيە،
باج، بوغالىترلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، باج ئىشلىرىنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، كارخانا مالىيە ئىشلىرى بوغالتىرلىقى پىلانى، سودا - سانائەت
مەمۇرى باشقۇرۇش، ستاتىستىكا، سۇغۇرتا قاتارلىق توققۇز خىل كەسىپ تەسىس قىلىنغان. كۇتۇپخاندا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 80000 دىن ئارتۇق.
بوغالتىرلىق تەقلىدى تەجرىبىخانىسى، تىل تەجرىبىخانىسى، كۆپ مېدىئانلىق ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئىشخانىسى، كومپيۇتېر ئىشخانىسى
قاتارلىقلار قۇرۇلغان بولۇپ ئوقۇتۇش، ياتاق، تاماق بىر گەۋدە قىلىنغان مالىيە بۇغالتىر كادىرلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلغان. 1999 -
يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 74 نەپەر (ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكىنى 20 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئونۋانغا ئېرىشكىنى 64 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانغا
ئېرىشكىنى 31 نەپەر)، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 2006 نەپەر.