UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىسانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ ئاپپاراتلىرى - يىلى سابىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈرۈمچى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ھۆججەت تارقىتىپ تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىي مائارىپ بۆلۈمى> (1954 - 1955)، <سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت مائارىپ بۆلۈمى> (1963 - 1971)، <سانجى ئوبلاستلىق ئىنقىلابىي كومىتېت مەدەنىي مائارىپ باشقارمىسى> (1971 - 1974)، <سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ كومىتېتى مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسى> (1974- 1979)، <سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى> (1979 - يىلدىن ھازىرغىچە) دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئوبلاست، مەمۇرىي رايوننىڭ بۆلۈنىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغان. 1954 - يىلدىن 1958 - يىلغىچە ئۈرۈمچى، مېچۈەن، فۇكاڭ، جىمسار، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق توققۇز ناھىيىگە كۆپەيتىلگەن. 1975 - يىلدىن 1978 - يىلغىچە دېھانچىلىق 6 - دىۋىزىيىسىدىكى ھەرقايسى پولىك مەيدانلىرى يېڭىدىن قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماناس ناھىيىسى شىخەنزە رايونىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. 1978 - يىلدىن 1982 - يىلغىچە ماناس ناھىيىسى سانجى ئوبلاستىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1962 - يىلدىن ھازىرغىچە دېھقانچىلىق 6 - دىۋىزىيىسى بۆلۈنىپ چىقىپ، ئۈچ شەھەر بەش ناھىيە قالغان. ئىدارە شتاتى 107 نەپەر، ئۇنىڭ ئىچىدە كومىتېت ئىشخانىسى، كادىرلار بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى، ئادەتتىكى مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ ئىشخانىسى، مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئالىي مائارىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئىشخانىسى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى تەمىنلەش پونكىتى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق 12 ئىشخانا، بۆلۈم تەسىس قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى