شىنجاڭ پوچتا - تېلېگراف مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
مەملىكەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم. مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇش خەنزۇ
تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1956 - يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قۇرۇلۇپ، 1958 - يىلى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1997 -
يىلى 2 - ئايدا شىنجاڭ پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسى باشقۇرۇش كادىرلار مەكتىپى، شىنجاڭ پوچتا - تېلىگراف تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى بىلەن
بىرلىشىپ قايتا تەشكىللىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭخې يولىدىكى ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 136000 كۋادرات
مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 60000 كۋادرات مېتىر. پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، پوچتا پۇل مۇئامىلىسى، ئۇنىۋېرسال تېلېگراف، پروگراممىلىق
ئالماشتۇرۇش، سىمسىز ئالاقە، كومپيۇتېردا ئالاقىلىشىشى، پوچتا - تېلېگرا ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق سەككىز خىل كەسىپ تەسىس قىلغان.
بۇنىڭ ئىچىدە پوچتا تېلېگراف ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىي 1979 - يىلى كۆكخوتتا چاقىرىلغان بىرىنچى قېتىملىق غەربى شىمال، شىمالىي
جۇڭگودىكى سەككىز ئۆلكە بويىچە پوچتا تېلېگراف مەكتەپلىرى كەسپى ھەمكارلىق يىغىنىدا سەككىز ئۆلكە (رايون) نىڭ پوچتا ھەمكارلىق كەسپىي
قىلىپ بېكىتىلگەن. 1999 - يىلى ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىپ، ئاساسەن پوچتا -
تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كەسپىي خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە چوڭلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى
سانى 607 نەپەر. رەسمىي ئوقۇتقۇچى 75 نەپەر. ئالىي ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 17 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىيەت ئۈچۈن پوچتا - تېلېگراف
كەسپىدىكى خادىملاردىن 10000 دىن ئارتۇقنى تەربىيىلىگەن.