UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ مائارىپ تاشقى مەبلەغ تۈرى ئىشخانىسى

شىنجاڭ مائارىپ تاشقى مەبلەغ تۈرى ئىشخانىسى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ ئاپپاراتلىرى - يىلى 11 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىسلاھاتى گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان. ئۇ باشقارما دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇن، كەسپىي شتاتى بەش نەپەر، ئۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تېخنىك خادىملار ئومۇمىي شتات سانىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. رەھبەرلىك سانى بىر نەپەر. پۈتۈنلەي خام چوت ئارقىلىق باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان. ئاساسلىق ۋەزىپىسى: دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىك كومىتېتلىرىنىڭ قەرز پۇل ئېلىش مەسىلىسىدىكى كۆرسەتمىلەرنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە ئىلتىماس قىلىش دوكلاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەتقىقات دوكلاتى قاتارلىقلارنى يېزىش ۋە تۈرلەرنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى خىزمىتىنى باھالاشقا مەسئۇل بولۇش، ھەرقايسى تۈر ناھىيىلەرنىڭ تۈرلەرنى ئىجرا قىلىش پىلانىنى ۋە يىللىق پىلانىنى تەستىقلاپ بېكىتىش، تۈرلەرنىى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەش، ھەرقايسى تۈر ۋىلايەت، ناھىيىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈر بۆلىكىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئەمەلىيلىشى پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. باشقا قەرز پۇل تۈرلىرىنى، ھەرخىل تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنى، بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۈرلىرىنى ۋە مۇھاجىرلار ئىئانە تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش ھەم ئىئانە تۈرلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپ تاشقى مەبلەغ تۈرى ئىشخانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki