رايونلۇق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى
شىنجاڭ مائارىپى
ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار
بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ۋە يەرلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) نىڭ دائىرىسى ئىچىدە يەرلىكنىڭ دەرسلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش ماتېرىيالى رايونلۇق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىسى (دەرسلىك ئۆلچىمى) نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن دەرسلىك تۈرى ۋە يىللىقلار بويىچە تۈزۈلىدۇ. ئۇ يېزىقچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى (دەرسلىك كىتاب، پايدىلىنىش ماتېرىيالى، ئوقۇتۇش كۆرسەتمىسى، جەدۋەل قاتارلىقلار) ھەم ئاڭلاش، كۆرۈش ماتېرىيالى (پرويېكسىيە فىلىمى، سىنئالغۇ فىلىمى، VCD، كومپيوتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتۇش كىتابى )دەرسلىك( بولسا يەرلىك ماتېرىيالنىڭ ئاساسى گەۋدىسى. شىنجاڭنىڭ رايونلۇق ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللەيدۇ ياكى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغاندن كېيىن، ئاپتونوم رايوندا ئىشلىتىلىدۇ. نۆۋەتتە تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ نەشر چىققان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ رايونلۇق ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدىن: شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى مىللىي، خەنزۇ يېزىقىدا نەشردىن قىلغان <شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى> ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. <ئەمگەك> دەرسلىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە يېزىقتا نەشردىن چىقارغان <شىنجاڭ ھايۋانات ئۆسۈملۈكلىرى>، <شىنجاڭ جۇغراپىيىسى> ۋە <شىنجاڭنىڭ نوپۇسى> تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىدۇ. خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلغان <شىنجاڭ يەرلىك ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تاللانما> ئايرىم - ئايرىم ھالدا باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىشلىتلىدۇ. شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى خەنزۇ، ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلغان <شىنجاڭ تەبئىتى> باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ پەن - تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى يېزا - كەنت كەسپىي مەكتەپلىرى ۋە دېھقان چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتىپى ئۈچۈن نەشردىن چىقارغان يېزا 1 - كەنت تولۇقسىز كەپسىي تېخنىكا ماتېرىيالى <مېۋىلىك دەرەى - كۆكتات يېتىشتۈرۈش ئىلمى>، <تۇپراق ئوغۇت ئىلمى>، <زىرائەت ئۆستۈرۈش ئىلمى>، <زىرائەت زىيانداش مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش>، <دېھقانچىلىق تىجارىتىنى باشقۇرۇش> قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.