دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشى
شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى
دۆلەتلىك پىلان كومىتېتى مەخسۇس پۇل تۇرى تۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ( شەھەر) لەر ئىچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشتا ئالاھىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، مەكتەپ قۇرۇش مەبلىغىنى ھەل
قىلىشقا ئامالسىز قالغان يېزا - بازاردىن تۆۋەن دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە دۆلەت كۆتۈرگە ئېلىپ مەكتەپ ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ بېرىش ياكى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ بېرىش قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈر 1995 - يىلى باشلانغان بولۇپ، 1998 - يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جەمئىي 79 مەكتەپكە 42380000 يۈەن مەبلەغ سالدى. 75087 كۋادرات مېتىر مەكتەپ ئۆي ئەسلىھەسىنى قۇرۇپ بەردى. بۇ تۈر نامرات ناھىيە (شەھەر)، يېزا - بازار، بازارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.