UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىماركسىزملىق دۆلەت قارىشى

ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ماركسىزمنىڭ دۆلەت ۋە دۆلەت مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراش ۋە تەلىماتىدىن ئىبارەت. ئۇ پرولېتارىيات سىياسىي پارتىيىسىنىڭ دۆلەتكە بولغان تونۇشى ۋە دۆلەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى يېتەكچى ئىدىيىسى، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم مەزمونلىرىنىڭ بىرى. ماركسىزمنىڭ قارىشىچە، دۆلەت ئەزەلدىن بار بولغان ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت تەرەققىي قىلىپ، مەلۇم بىر باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، دۆلەت سىنىپىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەتنىڭ كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان مەھسۇلى. دۆلەتنىڭ ماھىيىتى سىنىپىي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زوراۋانلىق قورالى. دۆلەتنىڭ فۇنكىسيىسى ئادەتتە ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئىچكى قىسىمغا قارىتا ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە شۇ سىنىپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنى تەشكىللەپ تەڭشەش، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، سىرتقا قارىتا دۆلەت مۇداپىئەسىنى تەشكىللەش، سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئە كۆرۈش، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، دۆلەتنىڭ تۈپكى مەنپەئىتىنى قوغداش. دۆلەتنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتى، ئۇنىڭ فۇنكىسيىسىدىكى سىنىپىي مەزمۇندىمۇ ماھىيەتلىك پەرق بولىدۇ. پرولېتارىيات دىكتاتۇرلىقىدىكى دۆلەتنىڭ فۇنكسىيەسى بىلەن ئېكسىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپ دىكتاتۇرلىقىدىكى دۆلەتنىڭ فۇنكسىيەسى ئوخشاش بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ تىپىنى دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسى بەلگىلەيدۇ. دۆلەت تۈزۈلمىسى جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئورنى بولۇپ، يەنى ھاكىمىيەتنى قايسى سىنىپنىڭ ئىگىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ شەكلى بولسا دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى سىياسىي تۈزۈلمىدۇر. مەيلى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە ياكى سىياسىي تۈزۈلمىسى بولسۇن، تارىختا ئۇلارنىڭ كۆپ خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان. دۆلەت تۈزۈلمىسى سىياسىي تۈزۈلمىنى بەلگىلەيدۇ، سىياسىي تۈزۈلمە دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۆلەت تۈزۈلمە شەكلى مەسىلىسى توغرىسىدا ماركسىزم پرىنسىپ جەھەتتە فېدىراتسىيە تۈزۈمىگە قارشى تۇرىدۇ، بىرلىككە كەلگەن، بىرلا خىل تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما ھەربىر دۆلەتنىڭ قانداق دۆلەت شەكلىنى يولغا قويۇشى، پۈتۈنلەي شۇ دۆلەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالى تەرىپىدىن ەلگىلەنگەن بولىدۇ. دۆلەتنىڭ يوقىلىش مەسىلىسىدە، دۆلەت مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، يەنى دۆلەت مۇقەررەر يوقىلىدۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ يوقىلىشى ناھايىتى ئۇزۇن بىر تارىخىي جەريان دەپ قارايدۇ. پرولېتارىياتنىڭ ئالدى بىلەن چوقۇم كونا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى ھەمدە ئۇ ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەت مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولغان ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، سىنىپنى يوقىتىش بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىكى پارچىلىنىش ھالىتىدىن بىرلىككە يۈزلەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق دۆلەتنى يوقىتىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ قۇرۇلما شەكلى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە، پرولېتارىيات دىكتاتۇرلۇقىدىكى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مىللىي ئاپتونومىيەنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدۇ. پەقەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدىلا ئاندىن فېدىراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت تۈزۈلمە شەكى ئارقىلىق مىلللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى مەسىلىسىدە پرولېتارىيات پرىنسىپال مەيداننى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلىشى مىللىي زۇلۇمغا قارىتا ئېيتىلغان. سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەردە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى،مىللىي ئاپتونومىيەنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللىي مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز بەلگىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئەمەلىيەتتە بۇرژۇئازىيە مەيدانىدا تۇرۇپ، پرولېتارىيات سىنىپىغا ۋە ھەرقايسى مىللەت ئەمگەكچى خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە قارشى تۇرغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش لازىم. جۇڭگو كومپارتىيىسى ماركسىزملىق دۆلەت نەزەرىيىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى ھەمدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۆلگۈنچىلىك ھالىتى مىللەتنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەمەلىي ئاساستا، ماركسىزملىق مىللىي ئاپتونومىيە ئىدىيىسىنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، غەلىبىلىك ھالدا مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغدىدى. تەيۋەن. شياڭگاڭ، ئاۋمىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن <بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم> بولۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىستراتېگىيىلىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەلىبىلىك ھالدا شياڭگاڭ، ئاۋمىننى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كەلدى. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىغا بولغان ئۇلۇغ ئەھمىيىتىنى شەرھىلەپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چوقۇم مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئۇلار بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى