شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
چوڭلار مائارىپى
ئەسلى ئاساسى مەركىزىي يېزا ئىگخلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى شىنجاڭ شۆبىسى بولۇپ، 1982-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. 1989-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگخلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ مەمۇرىي فۇنكىسىيىلىك تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ۋەيېتەكچىلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلغان. كەسپى جەھەتتە داۋاملىق مەركىزىي يېزا ئىگخلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلغان. بۇ مەكتەپ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۈن - سىن ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قاتارلىق يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرغان. مەركەز، ئۆلكە ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان، ئېچىۋېتىلگەن مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش بىرلەشتۈرۈلگەن مەكتەپتە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا - ئىگىلىك ئىقتىسادىي، يېزا ئىگخلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت خىل تۈر بويىچە 16 خىل كەسپى تەسىس قىلىنغان. 1999-يىلى مەكتەپ دەسلەپ قۇرۇلغان چاغدىكى بىەر سىنىپتىن تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 12 ئوبلاست، 79 ناھىيىسىدە شۆبە مەكتەپ قۇرغان. 400
دىن ئارتۇق يېزا - بازاردا ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس قىلغان. رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى 520 نەپەر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 25845 كۋادرات مېتىر،
تەجرىبە پراكتىكا مەيدانى 319.68 تۈمەن كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش سۈنئىي ھەمراسىدىن قوبۇل قىلىش ئانتېنىسى ھەمدە ھەر خىل ئوقۇتۇش
ئەسلىھەلىرى ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 18745، ئىشتىن سىرت ئوقۇشنى ئاساس
قىلغان يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، 41127 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. نۆۋەت
بويىچە تەربىيىلەنگەنلەر بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.