خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
- يىلى 12 - ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا مۇقىم مەكتەپ بىناسى يوق ئىدى. 1940 - يىلى 3 - ئايدا يېڭى مەكتەپ بىناسى پۈتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىيات، جۇڭگو جۇغراپىيىسى، تەبىئەتتىن ئومۇمىي ساۋات، دۇنيا تارىخى، ئالتە چوڭ سىياسەت، ئىجتىمائىي پەلسەپە قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىنغان. خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرىشىدا (قارىمىقىدا) بولغان. 1944 - يىلى 9 - ئايدىن 1950 - يىلى 6 - ئايغىچە مەكتەپ مۇنتىزم بولغان. ئۈچ يىللىق مائارىپ ئەندىزىسىگە ئۆتكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت مائارىپ باشقارمىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان. 1966 - يىلى مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىن توختىغان. 1972 - يىلى خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپى خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكامەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1978 - يىلى 9 - ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتەپ ئىككى ئالىي دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەخسۇس كۇرس سىنىپى، ئادەتتىكى پېداگوگىكا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. ئادەتتىكى پېداگوگىكا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 1979 - يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1979 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتەپ يەنە بىر قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. 1985 - يىلى 10 - ئايدا مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1992 - يىلى 10 - ئايدا مەكتەپ خوتەن شەھىرى بوستان جەنۇبىي يولى 12 - نومۇردىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپ قورۇسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئوقۇش باشلىغان. ئەسلىدىكى مەكتەپ ئورنىنى خوتەن مائارىپ ئىنستىتۇتىغا بەرگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 50616 كۋادرات مېتىر، پېداگوگىكا، خەنزۇ تىلى، تەنتەربىيە، گۈزەل - سەنئەت، فىزىكا، ئەدەبىيات قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان. 1999 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 151نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 18000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.