قۇمۇل مائارىپ ئىنستىتۇتى
شىنجاڭ مائارىپى
چوڭلار مائارىپى
قۇمۇل پېداگوگىكا مەكتىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1978-يىلى قۇمۇل پېداەوگىكا مەكتىپىنىڭ ئاساسىدا قۇرۇلغان ھەمدە قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئوقۇتقۇچىلار
بىلىم ئاشۇرۇش ئىنستىتۇتى دەپ ئاتالغان. 1984-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇمۇل مائارىپ ئىنستىتۇتى قىلىپ
ئۆزەەرتىلگەن ھەمدە تارمىقىدا رادىئو - تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپى تەسىس قىلىنىپ، بىر رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، ئىككى
خىل ۋىۋىسكا ئىشلىتىلگەن. ئاساسلىقى قۇمۇل ۋىلايىتى ئۈچۈن ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتقۇچىلىرىنى تەربىيلىگەن 1992.يىلدىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن سىچۈەن بىرلەشمە ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جەنۇبىي مىللەتلەر ئىنستىۇتى بىلەن بىرلىشىپ سىنىپ ئاچقان. مەكتەپتە 11 بۆلۈم، 10 كافېدىرا، 20 كەسىپ تەسىس قىلىنغان ھەمدە كەينى - كەينىدىن ئىقتىسادىي ئۇچۇر ۋە كومپيۇتېر باشقۇرۇش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، كارخانا باشقۇرۇش، سانائەت ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش، ساياھەت، مېھمانساراي قاتارلىق غەيرىي پېداگوگىكا كەسىپلىرىنى تەسىس قىلغان. بالىلار رەسىم سىزىش، خۇاڭبۇ ئىنگلىز تىلى سىنىپىە، ئۆسمۈرلەر تەسىس قىلغان. بالىلار رەسىم سىزىش، خۇاڭبو ئىنگلاىز تىلى سىنىپى، ئۆسمۈرلەر سەنئەت سىنىپى ۋە ھەر تۈرلۈك ئۈزلۈكسىز مائارىپ كۇرسلىرىنى تەسىس قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك ئۇنىۋېرسال ئوقۇ - ئوۇتۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلگەن. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى،
قازاق، ئىنگلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1999-يىلدىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 146 (ئالىي دەرىجىدىكى ئوقۇتقۇچى 24، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئوقۇتقۇچى
85) نەپەر. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1041 نەپەر. مەكتەپ قورۇلغاندىن بۇيان تەربىيلىگەن ھەربىر ئوقوغۇچىلار 7796نەپەرمەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 74212 كۋادىرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 8275 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبە بىناسى، كۇتۇپخانا بىناسى ۋە 2264.2 تۈمەن ئەمگەك، تېخنىكا پراكتىكا مەركىزىي قۇرۇلغان. پراكتىكا مەركىزىي غەربىي شىمال رايون ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت مائارىپ سىستېمىسىدا تەسىرى بولغان باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق بىر گەۋدە قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك پراكتىكا بازىسى بولۇپ، كۆپ قېتىم دۆلەت مائارىپ كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.