دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى <ئۈچكە كىرگۈزۈش>
شىنجاڭ مائارىپى
ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە
بۇ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى كۆرسىتىدۇ. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈش قاتارلىقلار مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ <پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى پۈتۈن پارتىيە ئىچىدە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇشى> ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ياش - ئۆسمۈرلەرنى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرى ھەمدە ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشكىتى ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى <ئۈچكە كىرگۈزۈش> نىڭ نىشانى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ماركسىزمنىڭ جۇڭگو ئەمەلىيىتى بىلەن
بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تارىخىي بۆسۈشى ھەمدە ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى
چۈشىنۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسىنى ئىگىلىتىش، نېمىنىڭ سوتسىيالىزم ئىكەنلىكى، نېمە
ئۈچۈن سوتسىيالىزم ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى
نەزەرىيىسىنى تونۇش ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ھەمدە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇش قانۇنىيەتلىرىنى تونۇتۇش، يولداش دىڭ شياۋپىڭنىڭ
ئىنقىلابىي روھى ۋە يۈكسەك ئەخلاق پەزىلىتى، ئىلمىي پوزىتسىيىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئۆگىنىش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە
سوتسىيالىزم قۇرۇش ئېتىقادىنى تىكلەش، پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەن ۋە ئاساسىي پروگراممسىنى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيىلىك بىلەن ئىجرا
قىلىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى <ئۈچكە كىرگۈزۈش> خىزمىتىدە، دەرسلىك ماتېرىيالغا كىرگۈزۈش ئاساس،
دەرسخانىغا كىرگۈزۈش ھالقا، كاللىغا كىرگۈزۈش مەقسەت ھېسابلىنىدۇ. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى <ئۈچكە كىرگۈزۈش> خىزمىتىنى ياخشى
ئىشلەش ئۈچۈن مائارىپ مىنىستىرلىكى <دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىدىن ئومۇمىي بايان> دېگەن ئۈلگە خاراكتېردىكى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ۋە
ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش فىلىملىرىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ چىقىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك
ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا تەربىيىلەش ئېلىپ باردى ھەمدە ئىلغار ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلغار تىپلارنى كېڭەيتىش، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلانى
چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك
قىلدى.