UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ

ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى ئالىي مائارىپنى يولغا قويىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ بىر تۈرى. بىر قانچە ئوخشاش بولمىغان كەسىپ (ئەدەبىيات، قانۇن، فىزىكا، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، دوختۇرلۇق) ۋە ئىنستىتۇت فاكۇلتېتلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. 1952 - يىلى ئىنستىتۇت، فاكۇلتېتلار تەڭشەلگەندىن كېيىن ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپكە پەقەت ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن دەرسلىرى تەسىس قىلىندى. ئالىي مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇلمىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولۇپ، كۆپ پەنلىك، كۆپ تۈرلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى مەيدانغا كەلدى. نۆۋەتتە رايونىمىزدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ بار.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى