UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىسانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىپى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى كەسپىي مائارىپ - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان يېرىم مەشق، يېرىم ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ، يېنىك ئاتلىتكا، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، قارىغا ئېتىش، ۋاسكىتبول، چېلىشىش، بوكسىيورلۇق قاتارلىق يەتتە خىلمۇسابىقە تۈرىدە 14 تەنتەربىيە كوماندىسى تەسىس قىلغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 63 (ئالىي ئونۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى تېرنېر ئۈچ نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېرنېر ئوقۇتقۇچى 26 نەپەر، تۆۋەن دەرىجىلىك تېرنېر ئوقۇتقۇچى توققۇز نەپەر) نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 139 نەپەر. مەدەنىيەت دەرسلىرىدىن: ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، سىياسەت، فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىز تىلى، پېداگوگىكا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. تەنتەربىيە ئاساسى دەرسلىكلىرىدىن: تەنتەربىيە نەزەرىيىسى، ئادەم ئاناتومىيىسى، ھەرىكەت پىسخىكىسى، ھەرىكەت ساغلاملىقى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. تەنتەربىيە كەسپىي دەرسلىرىدىن: يېنىك ئاتلىتكا، ۋاسكىتبول، ۋالىبول، پۇتبول، گىمناستىكا، چامباشچىلىق، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئازادلىق ئارمىيە كوماندىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كوماندا، ئالىي مەكتەپ يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەنتەربىيە كوماندىلىرىغا 42 نەپەر تەنھەرىكەتچى تەربىيىلەپ بەرگەن. مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە يەتتە ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، ئالتە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى