ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ. 1973 - يىلدىن
باشلاپ قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا مۇكەممەل مەكتەپ ھېسابلىناتتى. 1982 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا قىسمى بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپى قىلىپ
ئۆزگەرتىلىپ، مەكتەپ نامى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېداگوگىكا كەسپىي مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1997 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پېداگوگىكا
كەسپىي مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1999 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. مەكتەپتە ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا
سىنىپى ھەم بالىلار مائارىپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار تەربىيىلەش سىنىپى بار ئىدى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 21914 كۋادرات مېتىر. يېقىنقى يىللاردىن
بۇيان مەملىكەت، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى پەنلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە 247 نەپەر ئوقۇغۇچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1997 - يىلى 12
- ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە <ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى> دېگەن نام بېرىلگەن. 1999 -
يىلى 4 - ئايدا <ساپا مائارىپىدىكى نەمۇنىلىك مەكتەپ> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 1840 نەپەر بولۇپ، 24 تولۇقسىز
ئوتتۇرا سىنىپى، توققۇز بالىلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش سىنىپىغا بۆلۈنگەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى 175 نەپەر. بۇنىڭ
ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 35 نەپەر.