UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىي ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىي ئىنستىتۇتى

شىنجاڭ مائارىپى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر تېخنىكا كەسپىي ئىنستىتۇتى مەملىكەتلىك 3 - قېتىملىق مائارىپ خىزمەت يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئامارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان ئالىي مائارىپ ئورگىنى. ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ ئېلېكترون ئۇچۇرلىرى قوللىنىش مائارىپى مەركىزى بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇتى پاي تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن مۇدىرىيەت رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ۋە بارلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئىنستىتۇت يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا ئىگە بولۇپ، 2000 - يىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 50 نەپەرگە، قوشۇمچە كەسپىي ئوقۇتقۇچى 80 نەپەرگە يەتكەن. مەكتەپ قۇرۇلغان يەتتە يىلدىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئارقا - ئارقىدىن كومپيۇتېر، ئۇچۇر باشقۇرۇش، كومپيۇتېر ۋە ئۇنى قوللىنىش (مەخسۇس كۇرس)، بوغالتېرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش (مەخسۇس كۇرس)، كومپيۇتېرلىق ئالاقىلىشىش (مەخسۇس كۇرس)، كومپيۇتېر تورى (تولۇق كۇرس) قاتارلىق بەش خىل مەخسۇس كۇرس ۋە تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسىپلەرنى تەسىس قىلغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى كەسپىي تۈرى 110 پەنگە يەتكەن بولۇپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. پەنلەر بويىچە لاياقەتلىك بولۇش نسىبىتى 50 - 80پىرسەنتگە، ئالىي تېخنىكوم قاتلىمىدىكى ھەر تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 5000 نەپەردىن ئارتۇق كىشىگە، كومپيۇتېردىن قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلىنىشكە قاتناشقانلار 7000 نەپەردىن ئارتۇق كىشىگە يەتكەن. يەتتە يىلدىن بۇيان مۇقىم مۈلكى كۆپىيىپ، تۆت مىليون يۈەندىن ئاشقان. ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كۆلىمى 3000 كۋادرات مېتىر، كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى كومپيۇتېر كونسۇلتاتسىيە لايىھىلەش تەجرىبىخانىسى، كۆپ ۋاستىلىك كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسى، ئېنتېرنىت دۆلەتلىك ئېلېكترون سانائەت مىنىستىرلىكى مەركىزى< دەپ باھالانغان. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن رايونىمىزدىكى مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان. 1996- يىلى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا ياردەم بەرگۈچى ئىلغار كوللېكتىپ دەپ نام بېرىلگەن. 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئىلغار ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلى دۆلەتلىك ئۇچۇر مىنىستىرلىكى مەملىكەتلىك ئېلېكترونلۇق مائارىپ مەركىزى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك ئىلغار ئوقۇتۇش ئورنى دېگەن نام بېرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىي ئىنستىتۇتى | UyghurWiki | UyghurWiki