UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىماگىستىر

ماگىستىر

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى ئىلمىي ئۇنۋان نامى، ئادەتتە 2 - دەرىجىلىك ئۇنۋان ھېسابلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپتىكى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى ئاسپىرانتلار ياكى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەنلەر بىلەن ئوخشاش ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خادىملار ماگىستىر ئۇنۋانى دەرسلىك ئىتىھانى ۋە دسرتاتسىيە ياقلاشتىن ئۆتۈپ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، ئىلمىي سەۋىيىسى مەزكۇر پەن بويىچە مۇستەھكەم نەزەريە ئاساسى بولغان ۋە سىستېمىلىق مەخسۇس بىلىملەرنى ئىگىلىگەن، ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ياكى مەخسۇس تېخنىكا خىزمىتىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىغانلار ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشەلەيدۇ. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇنلار 10 (يەتتىسى ئالىي مەكتەپ، بىرى ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتى)، ماگىستىرلىق ئۇنۋان نوقتىسى 116، ئوقۇۋاتقان ماگىستىر ئوقۇغۇچى سانى 747 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى