تۇرپان ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئورنى تۇرپان ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدا ئىدى (تۇرپاننىڭ ئەسلىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش پونكىتى). مەكتەپ نامى تۇرپان پاختىچىلىق مەكتىپى ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدا بولغان، كېيىن تۇرپان يېزا ئىگىلىك مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك 7 - ماي ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىر نەچچە قېتىم نام ئۆزگەرتكەن. 1984 - يىلى مەكتەپ ئورنى تۇرپان شەھەر يېڭى بېكەت ئىدىقۇت يولى 62 - نومۇر (تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ ھازىرقى ئادرېسى) بولغان. 1988 - يىلى ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. 1993 - يىلى قايتىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەكتەپ بولۇپ، تۇرپان ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك
مەكتىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1998 - يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە بىر يىللىق ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ئاچقان. 1999 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم بىلەن مەمۇرىي مەھكىمە تۇرپان ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، تېببىي مەكتەپ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەتلىك كەسپىي ئوتتۇر تېخنىكوم مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇپ، ئۈچ مەكتەپنىڭ پارتىيە، مەمۇرىي ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. تۇرپان ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنىڭ ئورنىمۇ ئەسلىدىكى تۇرپان ۋىلايەتلىك تېخنىكا ئىشچىلار
مەكتىپىنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 11673 كۋادرارت مېتىر بولۇپ، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 1077 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش شەكلى دۆلەت پىلانىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭلار كەسپىي، ئوقۇش تارىخى مائارىپى ۋە يېزا كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدۇ. باغۋەنچىلىك، ئۆسۈملۈك ئاسراش،
چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامۇت يېتىشتۈرۈش، مېۋىلىك كۆچەتلەرنى يېتىشتۈرۈش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلارنى ئاچقان. مەكتەپ شتاتى 31. 1999- يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 19 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 237 نەپەر.