UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك پېداگوگىكا مەكتىپى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېداگوگىكا مەكتىپى

شىنجاڭ مائارىپى پېداگوگىكا مائارىپى - يىلى قۇرۇلغان. 1970 - يىلى تاقالغان. 1985 - يىلى 10 - ئايدا ئەسىلگە كەلتۈرۈلگەن. 1988 - يىلى شەھەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگن. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 45320 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 12500 كۋادرات مېتىر. مەكتەپتە توققۇز كەسىپ، 23 سىنىپ بار بولۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. 1999 - يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 600 نەپەردىن ئارتۇق، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچى 148 نەپەر بولۇپ، كەسپىي ئوقۇتقۇچى 92 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە 23 نەپەر ئالىي لىكتور بار. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە بىر نەپەر مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى، تۆت نەپەر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى بار. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2764 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 700 دىن ئارتۇق، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇش تارىخىي مائارىپ سىنىپىنى پۈتتۈرگەنلەر 378 نەپەر.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى