UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىبىرىنچى مەزگىللىك مائارىپ ئۈچ يىللىق پىلانى

بىرىنچى مەزگىللىك مائارىپ ئۈچ يىللىق پىلانى

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مەزگىللىك ئۈچ يىللىق پىلانىنىڭ بىر قسىمى بولۇپ، 1936 - يىلى تۈزۈلگەن. بۇ پىلان - ئاساسىي ۋەزىپە، مائارىپ مەمۇرىيىتى ۋە پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. شىنجاڭ ئۆلكىسى مەدەنىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى : <مىللەتنى شەكىل، ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى مەزمۇن> قىلغان مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى ئەسلىدىكى شەكلىدە، ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئوخشاش سەۋىيىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. بۇ 1937 ~ 1939 - يىللىرىدىكى شىنجاڭ مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
بىرىنچى مەزگىللىك مائارىپ ئۈچ يىللىق پىلانى | UyghurWiki | UyghurWiki