دوكتور
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
ئۇنۋان نامى بولۇپ، ئادەتتە ئوقۇغۇچىلىقتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي ئاسپىرانتلىق بىلەن تەڭ دەرىجىدىك ئوقۇش
تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار دوكتورلۇق ئۇنۋانى دەرسلىك ئىمتىھانى ۋە ئىلمىي ماقالە مۇنازىرىسى ئارقىلىق نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان. ئىلمىي
سەۋىيىسى مەزكۇر پەندىكى ئاساسىي نەزەرىيىلەرنى مۇستەھكەم، كەڭ دائىرىدە ئىگىلىگەن، مەخسۇس بىلىملەرنى سىستېمىلىق ھالدا چوڭقۇر
چۈشەنگەن. مۇستەقىل ھالدا ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئىلمىي ۋە مەخسۇس تېخنىكا جەھەتتە ئىجادىي
نەتىجىسى بار ئوقۇغۇچىلار دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ. 1999 - يىلى رايونىمىزدىكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇن ئۈچ،
دوكتورلۇق نۇقتىسى بەش، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 18 نەپەر ئىدى.