ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش <تۇتاشتۇرۇش> ئىسلاھاتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار
]گوۋۇيۈەننىڭ <جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات قوللانمىسى> نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى[ نىڭ تەلىپى ۋە ]ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات قوللانمىسى> نى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى[ گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلەن قوشۇلۇشى بىلەن، رايونىمىز 1997 - يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سانائەت ئىنسىتىتۇتى، شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق سەككىز ئورۇندا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر <تۇتاشتۇرۇپ> ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ھەق تاپشۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى (بۇ ئىسلاھات قىسقارتىلىپ <تۇتاشتۇرۇش ئىسلاھاتى> دېيىلىدۇ). بۇ خىل ئىسلاھات ئالىي مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرساللىشىش، سىستېمىلىشىش ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوتسىيالىتسىك بازار ئىگلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، مائارىپنىڭ ئادىل بولۇش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئۇنى تالانتلىقلارنى تەربىيلەش مېخانىزمىغا ئايلاندۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساسلىق تەدبىر. 1997 - يىلى <تۇتاشتۇرۇش> ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ۋەزىپىسى، ھاۋالە ئاساسىدا تەربىيلەش، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، <تۇتاشتۇرۇش> ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ پەقەت بىرلا خىل شەكىلدە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭىچە پۇل تۆلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ماكرۇلۇق تەڭشىشى ئاستىدا، بەلگىلىك دائىرىدە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجىنى ئوچراشتۇرۇپ، قوش يۆنىلىش بويىچە تاللاشنى يولغا قويۇپ، قەدەممۇ قەدەم مۇستەقىل كەسىپ تاللاشقا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلدى. 1998 - يىلى رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش <تۇتاشتۇرۇش> ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى. 1999 - يىلى پۈتۈن رايوندىكى تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش <تۇتاشتۇرۇش> ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى.