قەشقەر تېببىي مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى قۇرۇلغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، پۈتۈن
كۈنلۈك مىللىي - خەنزۇ ئارىلاش ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى تېببىي ئوتتۇرا تېخنىكوم بولۇپ، قەشقەر شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولىغا جايلاشقان. ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. مەمۇرىي باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى، كەسپىي باشقۇرغۇچى ئورۇن لاياقەتلىك مائارىپ ئىدارىسى، فېلشېرلىق، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، تېببىي تەكشۈرۈش، سىستېرالىق، دورىگەرلىك قاتارلىق ئالتە كەسىپ ئېچىلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى 100 مىڭ كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 10914 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ تارمىقىدا ۋىلايەت دەرىجىلىك ئونىۋېرسال ئىككى A دەرىجىلىك تارماق دوختۇرخانىدىن بىرسى بار. مەكتەپ شتاتى 240 نەپەر. 1999 - يىلى ئوقۇتقۇچى سانى118 (ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 16 نەپەر. ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئونۋان بارلار 58 نەپەر. تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋان بارلار 32 نەپەر) نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 1200 نەپەر، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 7446 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرگەن