ئىلى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
كەسپىي مائارىپ
- يىلى 9 - ئايدا غۇلجا شەھەر ئىلى دەريا يولى بىرىنچى نومۇردا قۇرۇلغان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىردىن بىر تەنتەربىيە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىلى ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ، ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدۇ، مەكتەپتە كۆپ كەسىپ، كۆپ قاتلام كۆپ خىل شەكىلدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، يېنىك ئاتلىتكا، قارىغا ئېتىش، ۋالىبول، ۋاسكىتبول، پۇتبول، خەلقئارالىق چېلىشىش، بوكسىيورلۇق، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق 10 مەشىق تۈرى تەسىس قىلىنىپ، تەنتەربىيە مەكتىپىنى باشلامچى بىر يۈرۈ ئوقۇتۇش مەشىق قىلىش تۈزۈلمىسى شەكىللەنگەن. مەكتەپ يەر مەيدانى
26640 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 2620 كۋادرات مېتىر. ھەرخىل تەنتەربىيە چېنىقىش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل. مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە مەزكۇر مەكتەپ 10 ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلى مەكتەپ شتاتى 70، رەسمىي ئوقۇتقۇچى 53 نەپەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 260 نەپەر. مەكتەپ440 لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.