شىنجاڭ 3 - بىناكارلىق شىركىتى بالىلار باغچىسى
شىنجاڭ مائارىپى
بالىلار مائارىپى
- جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىدىن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش 2 - دىۋىزىيە 4 - پولكىنىڭ بالىلار باغچىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1956 - يىلى ھەربىيلەرنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچى شۈيموگودىن سايباغ رايونى چيەنتاڭجياڭ يولى 6 - نومۇرغا كۆچگەن. 1986 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىسىدا بالىلار باغچىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، 3 - بىناكارلىق شىركىتى ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەۋە. 1993 - يىلى 3 - بىناكارلىق شىركىتى ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، شىركەت بىۋاستە باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان. ئىدارىدە 60 شتات بار. دەرس خەنزۇتىلىدا سۆزلىنىدۇ. بالىلار باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3363 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش يەر كۆلىمى 2765.3كۋادرات مېتىر. 1999 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ ئورۇن بۇرۇنقى 10 نەچچە بالا، بەش تەربىيىلەش خادىمى بولغان ئورۇندىن تەرەققىي قىلىپ، بالىلار سانى 800 نەپەر، 47نەپەر كەسپىي ئوقۇتقۇچى، 13 سىنىپى بار بولغان چوڭ تىپىتىكى ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى بالىلار باغچىسىغا ئايلانغان.