شىخەنزە شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. 1981 - يىلى 9 - ئايدا كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى بەرپا قىلىپ
ئائىلە سايمانلىرى رېمونتچىلىقى، قول - ھۈنەر سەنئىتى كەسپىنى تەسىس قىلغان. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل ئىدى. 1984 - يىلدىن باشلاپ مەكتەپ
كارخانا بىرلىشىپ مەكتەپ قۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىخەنزە توقۇمىچىلىق زاۋۇتى، يىپ ئېگىرىش زاۋۇتى، بوياش
زاۋۇتى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە زاۋۇتى، شەندوڭ ۋىيخەي مېھمانخانىسى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇرغان. 1988 - يىلى 8 -
ئايدا شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا شىخەنزە شەھەرلىك 2 - كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگن. شۇ يىلى 10 - ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە
كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان. 1990 - يىلى 12 - ئايدا ئۆلكىلىك نۇقتىلىق كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا قىلىپ
بېكىتىلگەن. 1993 - يىلى 4 - ئايدا مەكتەپ كارخانىلاشقان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان.
يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورۇنلار مەكتەپنىڭ مەكتەپ قۇرۇش ئەندىزىسى، ئاپپارات تەسىس قىلىشى، كادىرلارنى خىزمەتكە قويۇش قاتارلىق
جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇقلارنى بەرگەن. مەكتەپ پراكتىكا باشقارمىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشقارمىسىنى كۆپەيتىپ
تەسىس قىلغان. 1993 - يىلى 10 - ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئىلغار
كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان. 1993 - يىلدىن باشلاپ مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، مەركىزىي يېزا
ئىگىلىك رادىئو مەكتىپى، شىخەنزە شۆبە مەكتىپى، ۋۇخەن بودا كەسپىي ئوتتۇرا مەكتىپى، بېيجىڭ خۇاڭخۇاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى
قاتارلىق مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بوغالتىرلىق، كىيىم - كېچەك،
ئائىلە سايمانلىرى رېمونتچىلىقى، قول - ھۈنەر سەنئىتى، ئويمىچىلىق، بېزەش، تەشتەك مەنزىرىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت، يېمەكلىك پىششىقلاپ
ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ئېچىتىش، پار قازىنى، ماشىنىسازلىق، مېھمانخانا مۇلازىمىتى، خىمىيە سانائىتى، كومپيۇتېر ئىشلىتىش، ھۆسىن
تۈزەش قاتارلىق 20 نەچچە كەسىپ تەسىس قىلغان. 1999 - يىلى شىخەنزە شەھەرلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگن. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن
بۇيان 2713 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.