UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىباشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى

باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى

شىنجاڭ مائارىپى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى - يىلى شىنجاڭ مائارىپ مەمۇرىي ئورگانلارنى تەسىس قىلىشقا باشلىغان. شۇ يىلى يەنە ھەرقايسى ناھىيىلەردە ئوقۇشقا چاقىرىش ئورۇنلىرىنى قۇرغان. 1906 - 1910 - يىلغىچە ھەرقايسى جايلاردىكى شەخسىي مەكتەپلەر باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1910 - يىلغا بارغاندا پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەكتەپ 597 گە، ئوقۇغۇچى 1540 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى 713 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز باشلانغۇچ 104، خەنزۇچە مەدرېس 205، ئاددىي ساۋات چىقىرىش ئورنى 64 ئىدى. 1915 - يىلى دىخۇا ناھىيىسى (ھازىرقى ئۈرۈمچى) دە قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلۇپ، 1931 - يىلى دىخۇا قىزلار ئالىي باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1925 - يىلى 4 - ئايدا ياڭ زىڭشىن قەشقەردە ئالىي دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، 1926 - يىلى خوتەندە ئالىي دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلغان. باشلانغۇچ مائارىپ ياڭ زىڭشىن دەۋرىدە بىر ئىزدە تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىيەلمىگەن. 1912 - يىلى پۈتكۈل رايونىمىزدا ھەرتۈرلۈك باشلانغۇچ مەكتەپ 60 كە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 1802 كە يەتكەن. 1915 - يىلى باشلانغۇچ مەكتەپ 98 گە، ئوقۇغۇچى سانى 3774 نەپەرگە يەتكەن؛ 1915 - 1928 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى سانى 4000 نەپەر ئەتراپىدا ساقلانغان. 1931 - يىلى مەكتەپ كۆپەيتىلىپ 153 كە، ئوقۇغۇچى سانى 7126 نەپەرگە يەتكەن. لېكىن كېيىنكى مەزگىلدە، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ كەڭ كۆلەمدە ئازلاپ كېتىپ، 1933 - يىلى مەكتەپ 95 كە، ئوقۇغۇچى سانى 4132 نەپەرگە چۈشۈپ قالغان. 1935 - يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت <شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەجبۇرىيەت مائارىپ كومىتېتى پروگراممىسى> ۋە <شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھەرقايسى ناھىيە مەجبۇرىيەت مائارىپ كومىتېتى تەشكىللەش پروگراممىسى> تۈزۈپ چىققان. پروگراممىدا كومىتېتنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى ئۆلكىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش، ئۆلكىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇش، شۇنداقلا مەركەزدىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپ ياردەم مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە تەقسىملەش دەپ بەلگىلەنگەن. شۇ يىلى 11 - ئايدا ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى <شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۇنجى قارادىكى يولغا قويۇش پروگراممىسى> نى تۈزۈپ چىققان. بۇ پروگراممىدا 1935 - يىلى 8 - ئايدىن 1940 - يىلى 7 - ئايغىچە بولغان ۋاقىت شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى باسقۇچى، بۇ مەزگىلدە ھەرقايسى ناھىيىلەر ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تەسىس قىلغاندىن باشقا، يەنە بىر يىللىق قىسقا مەزگىللىك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇپ، دەرسلىك ماتېرىياللارنى ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك دەپ بېكىتكەن. 1936 - يىلى شىنجاڭنىڭ 1937 - يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھىسىنى بېكىتىپ، لايىھىدە قىسقا مەزگىللىك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرغاندىن سىرت، تۆۋەن دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى كېڭەيتىش، ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچى سانىنى تولۇقلاش، ئاددىي باشلانغۇچنى كۆپەيتى قۇرۇش، تاق شتات ۋە قوش ئورۇن شتاتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئوقۇتقۇچى خادىملار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش چارىسىنى يولغا قويۇش، شەخسىي مەكتەپلەرنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىندى. 1936 - يىلى 1 - ئايدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆلكىدىكى بارلىق خەنزۇ، خۇيزۇ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدا مائارىپ نازارىتىگە بۇيرۇق چۈشۈردى. 1938 - يىلى مائارىپ نازارىتى <باشلانغۇچ مەكتەپ قانۇنى> ۋە <باشلانغۇچ مەكتەپ نىزامنامىسى> نى تۈزۈپ چىقتى. 9 - ئايدا مائارىپ نازارىتى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە <شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق قانۇنى>، <شىنجاڭ ئۆلكىلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق نىزامنامىسى> نى تەستىقلاپ ئېلان قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. 1939 - يىلى مائارىپ نازارىتى <شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مەمۇرىي تەشكىلات پروگراممىسى>، <شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيە ئۆلچىمى پروگراممىسى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى>، <شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش تەربىيىسى>، <باشلانغۇچ مەكتەپ پۇقرالىرىنى چېنىقتۇرۇش دەرسلىكى>، <شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر جەمئىيەت تەربىيىسىنى قوشۇمچە ئېلىپ بېرىش تەدبىرى> قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى. شۇ يىلى مائارىپ نازارىتى ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل تىللىرىدىكى دەرسلىكتىن 25 خىلنى نەشردىن چىقاردى. 1943 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇقۇغۇچى سانى 265964 ئادەمگە يېتىپ، 4193 - يىلدىكى 31304 نەپەر ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا 7.5 ھەسسە ئاشتى. 1946 - يىلى 11 - ئايدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، <ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ بېكىتىش چارىسى>، <ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئورتاق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ بېكىتىش لايىھىسى> نى تۈزۈپ چىقتى. 1947 - يىلى 1 - ئايدا، <شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكەپتنىڭ دەرسلىك ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش دوكلاتى> ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى يىغىنىدا ماقۇللاندى. دوكلاتتا: باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تاتارلارغا ئۆز تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلمەيدىغانلىقى، خۇيزۇلارغا دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلۈپ، ئۇيغۇر تىلى قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقى، مانجۇ ۋە خەنزۇ مىللىتىگە دۆلەت تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر تىلى قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقى، موڭغۇل، رۇس، شىبە، داغۇر مىللىتىگە ئۆز تىلىدا ئۆتۈلىدىغارنلىقى، دۆلەت تىلى ياكى ئۇيغۇر تىلى قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە دىن دەرسلىكى قوشۇلىدىغانلىقى، ھەرقايسى مەكتەپلەردە ماتېماتىكا، تەبىئەت، گۈزەل سەنئەت، ناخشا دەرسلىكى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 1948 - يىلى ئۆلكە ۋە جەمئىيەتكە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 189448 كىشى بولۇپ، 1943 - يىلغا سېلىشتۇرغاندا 76516 ئادەم ئازلاپ كەتكەن. ئازادلىقتىن كېيىنكى شىنجاڭنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى كونا مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا تەرەققى قىلغان. ئەسلىدىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تاپشۇرۇۋېلىپ، دۆلەت قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1950 - يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭ خەلق دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ 1 - قېتىملىق ۋەكىللەر يىغىنىدا جەمئىيەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقى قارار قىلىنغان. 1953 - يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يېڭى ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدىكى جەمئىيەت قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، يېتىملار مەكتەپلىرى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ مال - مالۈك ۋە خادىملىرى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇلارنىڭ مەكتەپ قۇرۇش نىشانى، مەزمونى، دەرلىك تۈزۈش ئاساسى قاتارلىقلار دېگۈدەك ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش بەلگىلىمىسى بويىچە ئىسلاھ قىلىنغان. باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش يېڭى جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى زور تەدبىرى ئىدى. 1952 - يىلى 3 - ئايدا مائارىپ نازارىتى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ پىلاندا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى 1953 - يىلدىكى 331462 ئادەمدىن 1957 - يىلدىكى 543538 ئادەمگە يەتكۈزۈشنى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ نىسبىتىنى 1953 - يىلدىكى 50.19 پىرسەنتتىن 1957 - يىلدىكى 83.18. پىرسەنتكە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. 1957 - يىلدىكى شىنجاڭ 1 - بەش يىللىق پىلانى ئاياغلىشىدىغان مەزگىلدە، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى سانى 424544 ئادەمگە يېتىپ، 1953 - يىلدىكى 318582 ئادەمدىن 33 پىرسەنت كۆپەيدى؛ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر قەدەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايون - جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1949 - يىلدىكى 124758 ئادەمدىن تەرەققىي قىلىپ 1957 - يىلدىكى 303944 ئادەمگە يېتىپ، 143.6 پىرسەنتتىن ئاشتى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ مائارىپى تەڭپۇڭ ھالەتكە يېقىنلاشتى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، باشلانغۇچ مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇش لايىھىسى روشەن ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن باشلانغۇچ مائارىپىدا مىسلىسىز تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. 1958 - يىلى شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 646172 ئادەمگە، 1960 - يىلى 746344 ئادەمگە يەتكەن. 1961 - يىلدىن كېيىن ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭشەش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، باشلانغۇچ مائارىپتا دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان <تەڭشەش، مۇستەھكەملەش، تولۇقلاش، يۇقىرى كۆتۈرۈش> دېگەن سەككىزخەتلىك كۆرسەتمە يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار سانىدا بىرقەدەر ئازلاش كۆرۈلگەن. 1964 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى <يېزا - كەنتلەردىكى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ياخشى قۇرۇش توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپ> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىش مەبلىغى، مەكتەپ قۇرۇش شەكلى، ئوقۇش يىلى تۈزۈمى، دەرسلىك تەسىس قىلىش، مەكتەپ ياتىقى، ئەسلىھەلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مائارىپى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 1971 - يىلدىكى <ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمەت يىغىنى خاتىرىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرقانچە تەكلىپ> دە 4 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بەش يىللىق باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، شارئىتى بار رايونلاردا يەتتە يىللىق باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. شىنجاڭنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى بۇ بەش يىلدا بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 1975 - يىلى شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 180 مىڭغا يېتىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 90 پىرسەنت بولغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ مائارىپى ئەسلىگە كەلگەن ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشكەن. 1980 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن <باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلىلەر ئۈستىدىكى قارار> نى چۈشۈرگەن. شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى <پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنىڭ (ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكلىپ) نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى چۈشۈرگەن. 1983 - يىلى 10 - ئايدا مائارىپ نازارىتى >باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ بىر قانچە كونكرېت تەلىپى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۇسۇلى< نى تۈزۈپ، باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ تەلىپى ۋە ئۆلچىمىنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈردى. 1984 - يىلى 3 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى >باشلانغۇچ مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى بىر قانچە تۈرلۈك كونكرېت تەلەپلەر< نى تارقاتقان. 1986 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى >باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى< نى تارقاتقان. 1988 - يىلى 5 - ئايدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان >شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى<، شىنجاڭنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەن. 1990 - يىلىغا كەلگەندە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 58 ناھىيىدە تولۇقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، پۈتكۈل رايونىمىزدىكى ناھىيە (شەھەر) ئومۇمىي سانىنىڭ 62 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا تولۇقسىز مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرغان رايونلاردىكى نوپۇس 1017000 گە يەتكەن. (ھازىرقى ھەربىيلەر ۋە بىڭتۈەن نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). تولۇقسىز مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرغان نوپۇسنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى 78.2 پىرسەنت بولغان. 1990 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىغا يەتكەن بالىلار 150200 نەپەر بولۇپ، مەكتەپتىكى بالىلار سانى 146500، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 97.5 پىرسەنت. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 96.6 پىرسەنت. يىللىق مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى 97.1 پىرسەنت، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 96.9 پىرسەنت. مەكتەپ پۈتتۈرۈش نىسبىتى 83.7 پىرسەنت. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر 77.5 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. 1995 - يىلى باشلانغۇچ مائارىپىنى ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان. 1995 - يىلى 1 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم >ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ (جۇڭگو مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھىسى) نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر< نى تارقاتقان. بۇ رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشقا، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، رايونىمىزنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن تاكى يېڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگىچە بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. 1999 - يىلى 3 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى >شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ (باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش لاھىيىسىنى) ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقىتلىق چارىلىرى< نى بېسىپ تارقىتىپ، رايونىمىزنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىغا نسبەتەن كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى >ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ (ج ك پ، گوۋويۈەننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ساپا مائارىپىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى) نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر< نى بېسىپ تارقىتىپ، رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش ۋە تەرققىي قىلدۇرۇش، ساپا مائارىپىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كونكرېت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا باشلانغۇچ مەكتەپ جەمئىي 6796 گە، ئوقۇغۇچى سانى 2507406نەپەرگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر 1473407 نەپەر بولغان
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى
باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى | UyghurWiki | UyghurWiki