ساۋات چىقىرىش مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خىل ئورگان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە قانۇن تۈزۈش مەھكىمىسى توققۇز يىللىق تەييارلىقنامە تۈزۈش ھەققىدىكى مەلۇماتىدا تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1910 - يىلى 1 - ئايدا ئىلىم مەھكىمىسى ساۋات چىقىرىش مەكتىپىنىڭ نىزامنامىلىرىنى تەستىقلىتىپ، ھەر قايسى جايلاردا ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. <باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ يېتىشمەسلىكىگە ياردەم بېرىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆگىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشنى مەقسەت قىلغان> ھەمدە ئىشنى ئاددىي قىلىشتىن باشلاپ، كىتاب - ماتېرىيال، ئەسۋاب - ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق، مۇكەممەل، ئوقۇتقۇچىلار بىلىمىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئانچە تەلەپ قىلىپ كەتمىگەن، ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى مەدرىسلەرنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان ياكى ئىبادەت سورۇنلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنى ئىجارىگە ئېلىپ قۇرۇلغان. يېشى چوڭراق ئوقۇشتىن قالغان بالىلار ۋە ئىگە - چاقىسىز كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىنى مەخسۇس قوبول قىلغان. <ساۋات چىقىرىش ئوقۇشلۇقى>، <پۇقرالار زۆرۈر ئوقۇشلۇقى> دەرسلىك قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ئادەتتىكى ھېسابلاش دەرسلىكىمۇ تەسىس قىلىنغان. كۈندە 2 ~ 3 سائەت دەرس ئۆتۈلگەن. ئوقۇش يىلى چەكلىمىسى 1 ~ 3 يىلىغىچە بولغان (كېيىن 1 ~ 3 غا ئۆزگەرتىلگەن). 1910 - يىلى شىنجاڭدا جەمئىي 64 ساۋات چىقىرىش مەكتىپى بولغان.