قوش تىلدا دەرس ئۆتۈش تەجرىبىسى
شىنجاڭ مائارىپى
مىللەتلەر مائارىپى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى يۇقىرى
كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئىسلاھات تەجرىبە تۈرىدۇر. بۇ تەجرىبىنىڭ ئەندىزىسى: ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، ئىنگلىز تىلى
قاتارلىق تۆت خىل دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش، باشقا پەنلەرنى ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىن
باشلاپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىنىدۇ. 1992 - يىلى
ئۈرۈمچى، قاراماي، تۇرپاندىن ئىبارەت ئۈچ شەھەردە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل
بۆلۈشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ 1998 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن رايون بويىچ 28 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئاچقان
قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبە سىنىپلىرى جەمئىي 82 گە، ئوقۇغۇچىلار سانى 3529 نەپەرگە يەتكەن. قوش تىللىق ئوقۇتۇش تەجرىبىسى يۇقىرى
قاتلام ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىق كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك بولغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدۇر