ئىلى ئىككىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ مائارىپى
پېداگوگىكا مائارىپى
ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، موڭغۇل، شىبە قاتارلىق 18 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان پۈتۈن كۈنلۈك
تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدۇر.
بۇ مەكتەپ 1974 - يىلى قۇرۇلغان. ئەسلى ئاساسىي قورغاس ناھىيىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، 1983 - يىلى 6 - ئايدا ئىلى پېداگوگىكا
مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
شۇ يىلى 2 - ئايدا غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كىرگەن. 1984 - يىلى ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 89244 كۋادرات
مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 24000كۋادرات مېتىر. كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتابلار 100 مىڭ پارچىگە يېتىدۇ.
1999 - يىلى يەتتە كەسىپ، 30 ئوقۇتۇش سىنىپى تەسىس قىلىنغان. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 1262 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت
ئوقۇغۇچىلىرى 576 نەپەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 169 نەپەر، كەسپىي ئوقۇتقۇچى 84 نەپەر. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي دەرىجىلىك لېكتور 10 نەپەر بولغان.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلار ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى گېزىت - ژۇرناللاردا 83 پارچە ماقالە ئەسەر ئېلان قىلغان.
1999 - يىلغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 500 نەپەردىن ئارتۇق.