شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
- يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، شىخەنزە تېببىي ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ
ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىقتىساد ئالىي تېخنىكوم، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ
قۇشۇلۇشى بىلەن شەكىللەنگەن يېڭى تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپ بولۇپ، مەركەز ۋە بىڭتۈەن ئورتاق قۇرغان ئالىي مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە تەۋە. مەكتەپتە ھازىر يېزا ئىگىلىك، تېببىي ئىلىم، سانائەت، ئىقتىساد، فىزىكا، ئىجتىمائىي
پەن، تەبىئىي پەن، قانۇن، پېداگوگىكا، تارىخ قاتارلىق 10 چوڭ تۈر بار. يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، تېببىي ئىنستىتۇتى، سانائەت ئىنستىتۇتى،
كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، بىڭتۈەن ئىقتىساد تېخنىكا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ھەم بىئولوگىيە پەنلىرى
فاكۇلتېتى، ئۇچۇر قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى، تەنتەربىيە فاكۇلتېتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوقۇتۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 27 فاكۇلتېت 20
ماگىستىرلىق نۇقتىسى، 66 تولۇق، مەخسۇس كۇرس كەسپى بار، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كرۇس ئاسپىرانتلىق ۋە چوڭلار مائارىپى ئۈزلۈكسىز
مائارىپى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 920 (پروفېسسور 63 نەپەر،
مۇئاۋىن پروفېسسور 227 نەپەر)، 30 نەچچە ئوقۇتقۇچى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياش
مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان. 51 نەپەر ئوقۇتقۇچى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى 16 ئۆلكە، ئاپتونوم
رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 11000 نەپەردىن ئارتۇق. مەكتەپ ھەم بىڭتۈەننىڭ
11 نۇقتىلىق كەسپى بار. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات مەركىزى، دورا تەتقىق قىلىش - ئېچىش مەركىزىي، سۇ تېجەش -
سوغۇرۇش قۇرۇلۇشى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئاپپاراتى، 10 نۇقتىلىق تەجرىبىخانا ۋە 130 دىن كۆپرەەك تەجرىبىخانىنى قۇرۇپ ئوقۇتۇش،
تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، ئېچىش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن. پەقەت 1997 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە بولغان. ئۈچ يىلدا مەكتەپ
بىڭتۈەننىڭ 36 تۈرلۈك پەن - تېخنىكا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى تۈر، 2 - دەرىجىلىك مۇكاپات 14 تۈر، 3 -
دەرىجىلىك مۇكاپات 20 تۈر، مەكتەپ، يەنە <شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇنىلى> (ئىجتىمائىي پەن نەشرى، تەبىئىي پەن نەشرى)، <شىنجاڭ
يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي> (يادرولۇق ژۇرنال)، <يېزا ئىگىلىك تېببىي ئىلمى>، <يىپەك يولى ژۇرنىلى>، <ئالىي مائارىپ تەتقىقاتى> قاتارلىق بەش
تۈرلۈك ئىلمىي ژۇرنالنى نەشىردىن چىقىرىدۇ. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1463868 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 140033
كۋادرات مېتىر. ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان تەنتەربىيە سارىيى بار، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 840000 پارچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
ئاشلىق مەھكىمىسىنىڭ (FAO) كىتاب ساقلاش نۇقتىسى بولۇپ، FAO تۈرىدىكى كىتابلارنى ساقلايدىغان كىتاب، شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم پەن
- تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان نۇقتىلىق ئورۇن. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە تەھلىل قىلىش ئۆلچەش مەركىزى، ھايۋانات
ئۆسۈملۈكلەرنى بېقىش - ئۆستۈرۈش مەركىزى. بىر تەجرىبە يېزا ئىگىلك مەيدانى، بەش شۆبە دوختۇرخانىسى، 20 ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسى، بىر
سىستېرالار مەكتىپى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوقۇتۇش تەتقىقات تەجرىبە بازىسىغا ئىگە.