قەشقەر شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ
شىنجاڭ مائارىپى
ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى
خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كۆپ مىللەتلىك مەكتەپ بولۇپ، 1956 - يىلى قۇرۇلغان.
قەشقەر شەھىرى مەدەنىيەت يولى 186 - نومۇرغا جايلاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. 1980 - يىلى
ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا بىۋاستە قارايدىغان ناھىيە دەرىجىلىك
ئورۇن. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ئوبلاستقا يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1962 - يىلى قەشقەر ۋە
قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. 1968 - يىلدىن كېيىن قەشقەر شەھىرىگە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. 1999 -
يىلدىن كېيىن قەشقەرنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 55278 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش
كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 160 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 35، ئوقۇغۇچى سانى 2126 نەپەر.