UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىشىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 3 - نومۇرغا جايلاشقان. مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش ئوقۇيدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1956 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17 - ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق ناملارنى ئىشلىتىپ، 1995 - يىلدىن باشلاپ ھازىرقى نامىنى قوللانغان. 1996 - يىلدىن باشلاپ خەنزۇ تىلى بۆلۈمىنىڭ < تەبىئىي پەن تەجرىبە سىنىپى> ۋە ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمىنىڭ <قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىنىپى> پۈتۈن شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 24664 كۋادرات مېتىر. 1956 - يىلدىن بۇيان 8000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوندا ھەرخىل شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلى 189 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى، 128 نەپەر رەسمىي ئوقۇتقۇچىسى بار ئىدى (ئالىي دەرىجىلك ئوقۇتقۇچى 54 نەپەر). ئوقۇغۇچى سانى 2055 نەپەر بولۇپ، 39 ئوقۇتۇش سىنىپىغا بۆلۈنگەن
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى