UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ

شىنجاڭ مائارىپى ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر مائارىپى - يىلى خۇبىيلىق تالانتلىق ئايال خې يەنۋېي قۇرغان شىنجاڭ قىزلار مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان، 1937 - يىلى 9 - ئايدا ئۆلكىلىك دىخۇا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1938 - يىلى ئىنقىلابى قۇربان ماۋزېمىننىڭ ئايالى جۇ دەنخۇا، رىن بېيشىنىڭ جىيەنى رىن گۇاڭيۈەن قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرى مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەم مەكتەپ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەكتەپنى شىنجاڭ ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. 1943 - يىلى ئۆلكىلىك دىخۇا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ قىزلار ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەكتەپ بولۇپ قالغان. ئازادلىقتىن كېيىن، يەنە پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن پارتىيە ياچېيكىسى قۇرغان. 1952 - يىلى باھاردا مەكتەپ نامىنى يەنە دىخۇا 1 - قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. 1959 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1960 - يىلى 8 - ئايدا 1 - قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى، قىز - ئوغۇللار ئارىلاش مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالغان ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىغا تەۋە بولغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى قوللىنىلىدۇ. ھازىرقى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 136 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 29. ئوقۇغۇچى سانى 1580 نەپەر، مەكتەپ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 18905 كۋادرات مېتىر. كومپيۇتېر ئۆيى، تىل ئۆيى، ئاڭلىتىش ئۆيى، قوش يۆنىلىشلىك يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسى، مەكتەپ كومپيۇتېر تورى ۋە ئېلېكترونلۇق دەرس تەكرارلاش ئۆيى، تەنتەربىيە مەشق سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، تەجرىبەخانا ۋە كۇتۇپخانا شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپلەر بويىچە كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپ يەنە مەملىكەتلىك ئىلغار ئاتا - ئانىلار مەكتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن، مەملىكەتلىك ئىس - تۈتەكسىز مەكتەپ، مۇھىت تەربىيىسى سىناق ئورنى دېگەن ناملارغا ئىگە. 1999 - يىلى 8 - ئايدا بۇ مەكتەپ ئاپتونوم رايون بويىچە بىردىنبىر <3+x> ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ماسلىشىپ، دەرسلىك تەسىس قىلىش ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان تەجرىبە سىنىپ مەكتىپى دەپ تەستىقلانغان.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى