UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپى<شىنجاڭ چوڭلار مائارىپى>

<شىنجاڭ چوڭلار مائارىپى>

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ گېزىت، ژۇرنال ۋە ئەسەرلىرى شىنجاڭ چوڭلار مائارىپى ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپ تەتقىقات ئۇيۇشمىسى تەسىس قىلغان پەسىللىك ژۇرنال. 1992 - يىلى ئەتىيازدا بۇ ژۇرنال ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن <شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى> نامىدا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 1998 - يىلى ژۇرنال شىنجاڭ چوڭلار مائارىپى< غا ئۆزگەرتىلدى. 1999 - يىلى 9 - ئايغىچە 30 سان نەشىردىن چىقتى. ھازىرغىچە سىياسىي يېتەكچىسى، مائارىپ باشقۇرۇش، مائارىپ تەتقىقاتى، ساپا مائارىپى، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە مائارىپ مۇنبىرى قاتارلىق ئالتە خىل سەھىپە ئاچتى. بۇلار رايونىمىزنىڭ چوڭلار ئالىي مائارىپى، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە دېھقان - چارۋىچىلار مائارىپى، يېزا مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىشچىلار مائارىپى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەزموننى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. نۆۋەتتە بۇر ژۇرنال سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، نەزەرىيىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال رول ئويناپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېتىبار بېرىشى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى