خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى
شىنجاڭ مائارىپى
مائارىپ تارىخى
بۇ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە خەنزۇ تىلى دەرسلىكىنى تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىك قاتارىدا ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. 1956 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھەپتىسىگە 4 ~ 6 سائەت خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان. 1977 - يىلى يېڭى تۈزۈلگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىدا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتۈش تەلەپ قىلىنغان. 1984 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە كۈرەش قىلىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى، <ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى باشلانغۇچ،
ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچلىرىدا ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش، تەرجىمە قىلىش قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك مەشىقلەندۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا، ئاساسىي جەھەتتىن 3000 گە يېقىن ئىشلىتىلىدىغان خەنزۇچە خەتلەرنى ۋە 5000 ~ 6000 غىچە بولغان كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلۈكلەرنى ئىگىلىتىپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقتىكى خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش كېرەك> دەپ كۆرسەتتى.