UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىكەسپىي تېخنىكا تەربىيلەشنى راۋاجلاندۇرۇش

كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەشنى راۋاجلاندۇرۇش

شىنجاڭ مائارىپى مائارىپ تارىخى - يىلى 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى <ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي - تېخنىكا تەربىيسىنى روز كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1983 - يىلى 10 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى <ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا - بازارلارنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، كەسپىي - تېخنىكا تەربىيسىنى راۋاجلاندۇرۇش پىكرى> نى تارقاتتى. 1988 - يىلى 6 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى <ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ مەسلىسىدە ساقلىنىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر> نى تارقاتتى. 1999 - يىلغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ سانى 371 گە، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 180 مىڭ 745 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇ پۈتكۈل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باشقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %48.9 نى ئىگىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى