UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ مائارىپىماركسىزملىق مىللەت قارىشى

ماركسىزملىق مىللەت قارىشى

شىنجاڭ مائارىپى ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە بۇ پرولېتارىيات سىنىپى ۋە سىياسىي پارتىيىسىنىڭ مىللەتنى، مىللىي مەسىلىلەرنى كۈزىتىشتىكى نۇقتىئىنەزىرى ھەمدە مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پروگرامما ۋە سىياسەتنى كۆرستىدۇ. ماركىسزملىق مىللەت قارىشى مول مەزمونلارغا ئىگە. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمونى: مىللەت بىر تارىخىي كاتېگورىيە، ئۇ پەيدا بولۇش، تەرەققىي ۋە يوقىلىش باسقۇچىلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيىتى بار بولغاندىن تارتىپلا بار بولغان ئەمەس ھەمدە مەڭگۈ مەۋجۇد بولۇپ تۇرمايدۇ. مىللىي مەسىلە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي مەسىلىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنىڭ مەزمونى، خاراكتىرى، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي مەسىلىسىنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ مۇستەقىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان، ئۆزگەرمەس مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي مەسىلىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. مىللىي پەرق مىللىي مەسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسىي سەۋەب، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتتە، سىنىپى ئېكسىپلاتاتسىيە ۋەسىنىپى زۇلۇم مىللىي مەسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل. شۇنىڭ ئۈچۈن: <ئادەمنىڭ ئادەمنى ئېكسىپىلاتاتسىيە قىلىشى يوقىتىلغاندا، مىللەتنىڭ مىللەتنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقايدۇ>. مىللەتنىڭ ئىلغار ۋەقالاقلىق پەرقى بولىدۇ. ئەمما ئېسىل - پەسلىك پەرقى بولمايدۇ. بارلىق مىللەتلەر مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى، ئىنسانلار جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىردەك باراۋەر بولۇش كېرەك. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇشىغا قارشى تۇرىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلىش پرولېتارىيا ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرۈ شەرتى. مىللەتلەر باراەرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - پرولېتارىيات سىنىپىنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ پرىنسىپى. پرولېتارىيات سىنىپىنىڭ ئىنتىرناتىسئونالىزم روھىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل، ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەققانىي كۈرىشىنى قوللاش كېرەك: سوتسىيالىزمنىڭ بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق يولى ئىكەنلىكى، <بارلىق مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىزم يولىدا ماڭىدۇ> غانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز لازىم. پرولېتارىيات ھاكىمەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مەركەزلىك بىرلىكى ۋە دېموكراتىيىلىشىشىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم، بۇ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش - مىللىي زۇلۇم ۋە جاھانگىرلارنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشىدىكى زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكى، ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي شەرت - شارائىتىغا ئاساسلىنىش، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى پرولېتارىيات سىنپى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت تەرەققىياتىدا توغرا ئىشلىتىش كېرەك، مىللىي رايونلاردا مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ئومۇملاشقان پرىنسىپى قىلىنىشى كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىكىدىكى ئىشچىلار سىنىپى سىياسىي پارتىيىسىنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلرنىڭ بارلىق ئىشچىلار سىياسىي پارتىيىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۆزى مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە سوتسىيالىزمنىڭ غەلىبە قىلىشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تونۇشنى ھاسىل قىلىش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيىسى ماركسىزملىق مىللەت قارىشىغا ۋارىسلىق قىلدى ھەمدە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇردى. شۇنداقلا تۆۋەندىكىدەك سەككىز جەھەتتىكى ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرنى شەكىللەندۈردى. مىللەتنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشى ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان، مىللىي مەسىلە ئۇزاققچىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ؛ سوتسىيالىزم باسقۇچى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق گۈللەپ ياشنايدىغان دەۋر بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بولغان ئامىللار ئۈزۈلۈكسىز كۆپىيىدۇ. بىراق مىللىي ئالاھىدىلىك، مىللىي پەرق يەنىلا داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ؛ مىللىي مەسىلە ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەسىلىنىڭ بىر قىسمى. مىللىي مەسىلە پەقەت بارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىد ئاندىن تەدرىجىي ھەل بولىدۇ؛ دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللىي مەسىلىسى پەقەت سوتسىيالىزمنى ئورتاق قۇرۇش جەريانىدا ئاندىن تەدرىجىي ھەل بولىدۇ؛ ھەر مىللەت خەلقى مەيلى نوپۇسنىڭ ئاز - كۆپلۈكى، تارىخىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ۋە ياكى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىردەك باراۋەر بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىشى كېرەك؛ زور كۈچ بىلەن سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش - سوتسىيالىزم دەۋرىدىكى مىللىي خىزمەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەش جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيىسىگە قوشقان زور تۆھپىسى. شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تۈزۈمى ۋە سىياسىتىدۇر؛ زور بىر تۈركۈم ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تىرىشىپ تېز يېتىشتۈرۈپ چىقىش مىللىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ۋە مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى؛ مىللىي مەسىلە بىلەن دىن بەزى رايونلاردا بىر - بىرى بىلەن كىرىشپ كەتكەن، مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا پارتىيىنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشقىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ مائارىپى