ئوقۇتقۇچى كەسپى ۋەزىپىسى
شىنجاڭ مائارىپى
مەكتەپ قۇرۇش شەرتلىرى
<ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى سىناق نىزامى> دا: ئوقۇتقۇچىلىق مەكتەپنىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەسىس قىلىنغان خىزمەت ئورنى دەپ بەلگىلەنگەن. ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ياكى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارغا مۇقىم نىسبەت بېكىتىلىدۇ.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدە: باشلانغۇچ مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى قاتارلىق دەرىجىلەر تەسىس قىلىنغان؛ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدە: ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى؛ ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى قاتارلىق دەرىجىلەر تەسىس قىلىنغان. ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىش ياكى تەيىنلەشتە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش كومىتېتىنىڭ سىياسى - ئىدىيە،
مەدەنىيەت - كەسپىي بىلىم سەۋىيىسى، ئوقۇ - ئوقۇتۇش قابىلىيىتى، خىزمەت نەتىجىسى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن باھالاشتىن ئۆتۈشى، مۇناسىپ شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇش ھەمدە مەكتەپ ياكى ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ رەھبىر تەكلىپ قىلىشى ياكى تەيىنلىشى كېرەك.
<ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى سىناق نىزامى> دا: <ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدە ئوقۇتقۇچى، ياردەمچى لېكتور، لېكتور، ئالىي دەرىجىلىك لېكتور قاتارلىق ئۇنۋانلار تەسىس قىلىنىدۇ، ھەرقايسى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ياكى تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، شەرتى، تەكلىپ قىلىنىش مۇددىتى ئېنىق بەلگىلىنىدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت نورمىسى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىگە ماس كېلىشى لازىم. دۆلەت مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن
مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى شەھەر ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلك تارماقلىرىدا، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋاننى باھالاش كومىتېتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار شۇ رايون، شۇ تارماقلاردىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانىنى باھالاشقا مەسئۇل بولىدۇ. <ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى سىناق نىزامى> دا: <ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى شۇ مەكتەپ ئۈستىگە ئالغان ئوقۇتۇش تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن تەسىس
قىلىنىدۇ ھەمدە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، لېكتور، دوتسېنت، پرافېسسور قاتارلىق كەسپىي ئۇنۋانلار تەسىس قىلىنىدۇ. ھەرقايسى كەسپىي ئۇنۋانلارغا تەكلىپ قىلىش ياكى تەيىنلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە ئېنىق بولغان مەسئۇلىيەت، خىزمەت شارائىتى ۋە خىزمەت مۇددىتى بەلگىلىنىدۇ> دەپ بەلگىلەنگەن. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى كەسىپ، پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت نورمىسى ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. دۆلەت مائارىپ كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش باھالاشقا
يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنۋان باھالاش كومىتېتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆز رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش باھالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 1687 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 3138 نەپەر، مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانى بارلار 1868 نەپەر، ئالىي ئۇنۋانى بارلار 389 نەپەر بولغان.